تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق نىشانى

تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق نىشانى ساغلاملىق ساياھىتىدىن 20 مىليارد دوللار كىرىم قىلىش.

508353
تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق نىشانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساغلاملىق ساياھىتى ساھەسىدە كېسەل ۋە كىرىم جەھەتتىن ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا تۈركىيە  2 مىليون ساغلاملىق ساياھىتىدىن 20 مىليارد دوللار كىرىم قىلىشنى 2023 – يىللىق نىشانى قىلىپ بېكىتتى. تۈركىيە ساغلاملىق ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش جەمئىيىتى باشلىقىنىڭ ۋە لىۋ دوختۇرخانىسىنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى مەرى ئىستىروتى بۇ ساھەدە 20 مىليارد دوللار كىرىمنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، توغرا قەدەملەرنىڭ تۈرتكىسىدە ساغلاملىق ساياھىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ساغلاملىق ساياھىتى 2005 – يىلىدىن بۇيان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تېز تەرەققىي قىلماقتا. تۈركىيە دوختۇرلىرىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى، يۇقىرى تېخنىكىلىق، زامانىۋى دوختۇرخانىلار ھەمدە ياخشى ئىدارە – ئورگان مۇلازىمەتلىرىدىن سىرت يەنە، مېھماندۇسلۇقىمۇ تاللىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. ئامېرىكىدىكى دوختۇرخانىلارغا قارىغان تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش 4 ھەسسە ئەرزان، ياۋروپادىكىگە سېلىشتۇرغاندا تۈركىيەدە داۋالىنىش % 50 ئەرزان.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر