فىرانسىيەدە ئىش تاشلاش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

فىرانسىيەدىكى يېڭى خىزمەت قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىش تاشلاش دولقۇنىغا نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىدىن كېيىن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىمۇ قېتىلدى.

498027
فىرانسىيەدە ئىش تاشلاش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ ئىشچىلار كونفېدېراتسىيەسى ئېنېرگىيە بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتىكى 19 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن 16 سى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئىش تاشلاش دولقۇنىغا قېتىلغان بولۇپ، ئىش تاشلاش يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدا توك بېسىىمىنى تۆۋەنلىتىش ياكى توك ئېقىمىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

سەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن قىسمەن باشلانغان ئىش تاشلاش تۈپەيلى دۆلەتنىڭ لورې – ئاتلانتىكۇ رايونىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە توك ئۈزۈلۈپ قالدى.

نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىن ئېتىبارەن باشلانغان ئىش تاشلىشىدا نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى بىلەن ئامبارلاردىن ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا نېفىت يەتكۈزۈش خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچرىماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېڭى قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بۈگۈن مىللىي گېزىتلەرمۇ ئىش تاشلايدىكەن.

دۆلەتلىك كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «گېزىتلىرىمىز ئىشچىلار كونفېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن خىزمەت قانۇنىغا قارشى ئەسىرگە ئېلىندى» دېيىلدى ھەمدە ئىش تاشلاشنىڭ بىرلەشمە بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.

31 – مارت ۋە 28 – ئاپرېل كۈنلىرىمۇ ھەرقايسى گېزىتلەر ئىش تاشلىغانىدى.

دۆلەتتە قاتتىق نارازىلىققا دۇچ كەلگەن يېڭى خىزمەت قانۇن تەكلىپى قانۇنلاشقان تەقدىردە، كۈندىلىك 10 سائەتلىك ئىشلەش ۋاقتى 12 سائەتكە چىقىرىلىدىكەن، توختامنامىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان خىزمەتچىلەر ئىشتىن بوشىتىلىدىكەن، سائەتلىك ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەپتىلىك 24 سائەت ئىشلەش ۋاقتى ئازايتىلىدىكەن، ئارتۇق ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىش ھەققى تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت قانۇن تەكلىپىدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە، ھەرقايسى بىرلەشمىلەر بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى داۋاملىق ئىش تاشلايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر