7 – گ گۇرۇھى يىغىنى باشلاندى

سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرىنى ئۇچراشتۇرغان 42 – نۆۋەتلىك 7 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا كاشىكوجىما ئارىلىدا باشلاندى.

498035
7 – گ گۇرۇھى يىغىنى باشلاندى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر شىنزو ئابى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئىسې شىما رايونىدىكى تارىخىي شىنتو ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا كۈتۈۋالدى.

شىنزو ئابې ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن، ئىتالىيە باش مىنىستىرى ماتې رېنزى ۋە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدۇ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

7 – گ گۇرۇھى يىغىنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى جان كىلود يۇنكېرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئۇدا 2 كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ياۋروپانى زىلزىلىگە سالغان كۆچمەنلەر كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر تەشكىل قىلىدۇ.

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسى، خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دەۋاسى قىلىشى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر، كۆچمەنلەر كىرىزىسى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان دىپلوماتىيە مەسىلىلىرى سۈپىتىدە دىققەت قوزغىماقتا.

بېيجىڭغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئۈچۈن، ساھىبخان دۆلەت ياپونىيەنىڭ ئىشتىراكچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

يىغىنغا 7 – گ گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ئىقتىساد  دۇنياسىنىڭ خوجايىنلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى، سرىلانكا پىرېزىدېنتى بىلەن ۋېيتنام باش مىنىستىرىمۇ ئىشتىراك قىلماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يىغىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئاخىرقى قېتىم، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن  ترۇدۇ بولسا تۇنجى قېتىم ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىن بولىدىكەن.

1970 – يىللاردا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كىرىزىسكە قارشى كۈرەش مەقسىتىدە تەشكىل قىلىنغان گۇرۇھ ياپونىيە ۋە كانادانىڭ ئەزا بولۇشىدىن كېيىن 7 – گ گۇرۇھى دەپ ئاتالدى، 1998 – يىلى رۇسىيەنىڭ ئەزا بولۇشىدىن كېيىن 8 – گ گۇرۇھى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشىدىن كېيىن، رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەقسىتىدە ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن، 2014 – يىلى رۇسىيەنىڭ ئەزالىقى توڭلىتىپ قويۇلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئەزا بولغان 7 – گ گۇرۇھى ياپونىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر