2013 – يىلىغىچە قوشۇمچە 1 مىليون ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ

بىلىم، سانائەت ۋە پەن – يېخنىكا مىنىستىرى فىكرى ئىشىق 2023 – يىلىغىچە قوشۇمچە 1 مىليون ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

477971
2013 – يىلىغىچە قوشۇمچە 1 مىليون ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىلىم، سانائەت ۋە پەن – يېخنىكا مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ئادانا سانائەت رايونىدىكى فابرىكىلارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ سامسۇن ماشىنا سانائەت فابرىكىسى بىلەن قىممىتى 1مىليارد 223 مىليون لىراغا يېتىدىغان جەمئىي 48 فابرىكىنى ئېچىشنىڭ خۇشاللىقىنى ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، ئادانانىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت شەھەرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ھاجى سابانجى سانائەت رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ 33 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، يەتتە دانە كىچىك سانائەت رايونىنىڭ 7 مىڭغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى نۇقتىسىدا سانائەت رايونلىرىنى ۋە سانائەت مەھەللىرىنى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھازىر تۈركىيەدە 224 دانە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىرىنى قوشقاندا جەمئىي 285 سانائەت رايونى بار. بۇ سانائەت رايونلىرىدا 1 مىليون 600 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. 2023 – يىلىغىچە 79 دانە سانائەت رايونى قۇرۇپ، قوشۇمچە 1 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. ئىنشائاللاھ 2016 – يىلى ئىچىدە سانائەت رايونلىرىغا 75 مىليون لىرا مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ، يېڭى ئەۋلاد سانائەت رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر