دۇنياغا داڭلىق شىركەت 4 مىڭ خىزمەتچىسىنى ئىشتىن چىقىرىدۇ

دۇنياغا داڭلىق ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بوئىڭ چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن 4 مىڭ خىزمەتچىسىنى ئىشتىن چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

461638
دۇنياغا داڭلىق شىركەت 4 مىڭ خىزمەتچىسىنى ئىشتىن چىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوئىڭ شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، شىركەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلرىدا ئىشلەۋاتقان خادىملىرىنىڭ سانىنى % 2 ئازايتىش ئۈچۈن، ئىيۇن ئېيىغىچە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغان 1600 كىشى بىلەن قوشۇپ، جەمئىي 4 مىڭ خىزمەتچىسىنى ئىشتىن چىقىرىدىكەن. بۇنىڭدىن مەقسەت چىقىمنى ئازايتىش ئىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىركەتنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن % 9 قىممىتىنى يوقاتقان ئۈلۈشلىرى بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن % 2 كە تۆۋەنلىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، شىركەتنىڭ بۇ قارارى رەقىبى ئايربۇس شىركىتىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئاشۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلىىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بوئىڭ شىركىتىنىڭ 2015 – يىلى 31 – دېكابىر ئېتىبارى بىلەن 161 مىڭ 400 خىزمەتچى – خادىمى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر