نوبابىر ئېيى ئىشسىزلىق نىسبىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش يوق
2015 – يىلى نويابىر ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى 2014 – يىلىنىڭ نويابىر ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %10.5 بولۇپ، چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە مىقياسىدا 2015 – يىلى نويابىر ئايلىق 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ئىشسىزلىق سانى 2014 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 29 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، 3 مىليون 125 مىڭغا يەتكەن. ئىشسىزلىق نىسبىتى بولسا، %0.2 ئازىيىپ، %10.5 سەۋىيەسىدە بولغان. ئوخشاش مەزگىلدە دېھقانچىلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %0.3 ئازىيىپ، %12.4 بولغان.
24 – 15 ياش ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %0.8 ئازىيىپ، %19.1 بولغان. 64 – 15 ياش ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %0.2 ئازىيىپ، %10.8 بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.