ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى ئىزچىل چۈشۈۋاتىدۇ
ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە دەم ئېلىش داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەردە ياپونىيە نىككېي ئىندېكسى چۈشۈپ كەتتى.
430446
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارادا نېفىت باھاسىدىكى داۋالغۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئازىيىشى سەۋەبىدىن پاي چېكى بازارلىرىدا ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. ياپونىيە نىككېي ئىندېكسىدىكى تۆۋەنلەش ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىخەتەر پورت ئىزدەش خاھىشىنىڭ نەتىجىسىدە، ياپونىيە يىنىغا بولغان تەلەپنىڭ ئۆرلىشى ئىندېكىستىكى سېتىش بېسىمىنى كۈچەيتىۋەتتى.
ياپونىيە نىككېي ئىندېكسى تۈنۈگۈن (9 – فېۋرال) %2.3 تۆۋەنلىدى. ھىندىستان سېنسېكس ئىندېكسى %0.7 تۆۋەنلىدى. خىتاي، خوڭكوڭ ۋە جەنۇبىي كورېيە پاې چېكى بازارلىرى دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.