ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى داۋالۈۇش ئىچىدە

ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى خىتاي بازارلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ ناھار بولۇشى سەۋەبىدىن فېۋرال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىنى داۋالغۇش ئىچىدە ئاخىرلاشتۇردى.

426132
ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى داۋالۈۇش ئىچىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى خىتايدا سانائەت سېتىۋېلىش باشقۇرغۇچىلىرى ئىندېكسىنىڭ مەلۇماتلىرى كۈتۈلگەندىن ناچار بولۇشى سەۋەبلىك مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدى.

شاڭخەي بىرلەشمە ئىندېكسى بۈگۈن (1 – فېۋرال) %1.78 تۆۋەنلىدى. ياپونىيە نىككېي ئىندېكسى %1.98 يۇقىرى ئۆرلىدى. جەنۇبىي كورېيەنىڭ كوسپى ئىندېكسى %0.68 ئۆرلىدى.

خوڭكوڭ خاڭ سېڭ ئىندېكسى %0.45 تۆۋنلىدى.

ھىندىستاننىڭ سېنسېكس ئىندېكسى بولسا، %0.04 تۆۋەنلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر