رۇس ئىقتىسادىي 2015-يىلى %3.7 چېكىندى

رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ 2015-يىلى زور دەرىجىدە چېكىنىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

424506
رۇس ئىقتىسادىي 2015-يىلى %3.7 چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە پارچە سېتىش %10، سېلىنمىلار بولسا %8.4 ئازايدى.

نېفىت باھاسىنىڭ 2014-يىلدىن بۇيان كۆرىنەرلىك دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئۇكرائىنادىكى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئېمبارگولار، ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.

رۇس رۇبلىسىمۇ نېفىت باھاسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كېيىنكى ئۈچ ئايدا %20 قىممىتى چۈشۈپ كەتتى. ئىقتىسادچىلار نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن بۇ يىلمۇ رۇس ئىقتىسادىنىڭ تولىمۇ قيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقى تەخمىن قىلماقتا.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر