"IMF" ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى تۆۋەنلەتتى

خەلقئارا پول فوندىي تەشكىلاتى "IMF" يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى تۆۋەنلەتتى.

150948
 "IMF" ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى تۆۋەنلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پول فوندىي تەشكىلاتى "IMF" يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى تۆۋەنلەتتى.
خەلقئارا پول فوندىي تەشكىلاتى "IMF"نىڭ خەلقئارا ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى.
خەلقئارا پول فوندىي تەشكىلاتى خەلقئارا ئىقتىسادقا ئەكسى تەسىر يەتكۈزىدىغان تەھدىتلەر تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ، ئاخىرىقى قېتىم ئىيۇل ئېيىدا يېڭىلانغان 2014 – يىللىق يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى ئەسلىدىكى %3.4 تىن %3.3 كە چۈشۈردى.
كېلەر يىلىغا ئالاقىدار تەرەققىيات مۆلچىرىمۇ ئەسلىدىكى %4 تىن %3.8 كە چۈشۈرۈلدى.
خەلقئارا پول فوندىي تەشكىلاتى "IMF"نىڭ ئاپرىلدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ يىللىق زورىيىش مۆلچىرىنى %3.6 ۋە كېلەر يىللىق مۆلچىرىنى بولسا، %3.9 دەپ مەلۇم قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى تۆۋەنلىتىپ يېڭىلانغان دوكلاتقا، ئامېرىكا، ياۋرو رايونى ۋە ياپونىيە ئىقتىسادىدا 2014 – يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا مۆلچەرلەنگەندىنمۇ ئاجىز بىر ياخشىلىنىش كۆرۈلگەنلىكى سەۋەپ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە ئېشىۋاتقان گىئولپولىتىكىلىق ۋە مالىيە خەۋپلىرىنىڭمۇ تەرەققىيات مۆلچىرىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا تۈركىيەنىڭ 2014 – ۋە 2015 - يىلىدا %3 تەرەققىي قىلىدىغانلىقى، بۇ يىللىق تەرەققىياتىغا دۆلەت سېلىنمىلىرى ۋە خىراجەتلىرىدىن باشقا يەنە ئېشىۋاتقان ئېكىسپورت سودىسىنىڭمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر