تۈركىيەدىكى ئەڭ ئىلغار 20 مېھمانساراي ...

تۈركىيەدىكى 20 مېھمانساراي دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار 100 مېھمانساراي تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

147382
 تۈركىيەدىكى ئەڭ ئىلغار 20 مېھمانساراي  ...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى 20 مېھمانساراي دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار 100 مېھمانساراي تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
ياۋروپالىق ساياھەتچىلەر تۈركىيەگە ئىجابىي باھا بەردى.
ھەر يىلى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار 100 مېھمانساراي ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق باھالاپ چىقىلىدۇ.
بۇ يىلقى نەتىجىلەردە ئانتاليا ئۈچۈن خۇشخەۋەر كەلدى.
2014 - يىلى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان باھالاش نەتىجىسىدە تۈركىيەدىكى 20 مېھمانساراي دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار 100 مېھمانساراي قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەدىن تاللانغان مېھمانسارايلارنىڭ كۆپىنچىسى ئانتاليادا ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر