75 لىرا بىلەن 5 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باستى

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاكادېمىكلەردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ئېلېكتىرئاپتوموبىل تۈركىيە ساياھىتىنى تاماملىدى.

145121
75 لىرا بىلەن 5 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باستى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم - پەن تەتقىقات لايىھەلىرى بۆلۈمىنىڭ ياردىمى بىلەن لايىھەلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان "T1" ناملىق ئېلېكتىر ئاپتوموبىل 5 مىڭ كىلومېتىرلىق تۈركىيە ساياھىتىنى سۇلتان ئەھمەت جامەسىدىن باشلىغان بولۇپ، يەنە سۇلتان ئەھمەت جامەسىگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرلاشتۇردى.
تۈركىيە ساياھىتى ئاپتوموبىلنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شوپۇر سەردار زۇرناجى، تۈركىيە ساياھىتىنى سۇلتان ئەھمەت جامەسى مەيدانىدىن باشلىغانچە 13 شەھەرنى ئايلىنىپ، 5 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن يەنە سۇلتان ئەھمەت جامەسى مەيدانىدا ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە  تايىنىپ ياسالغان بۇ ئاپتوموبىلنىڭ پۈتۈشىگە تولۇق بىر يېرىم يىل ۋاقىت كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان زۇرناجى، ئاپتوموبىلنىڭ ئېغرىلىقى 500 كىلوگىرام ئىكەنلىكىنى، بىر قېتىم ئېلېكتىر تولدۇرۇلسا، 500 كىلومېتىر يول باسالايدىغانلىقىنى ھەمدە سۈرئىتىنىڭ سائىتىگە 120 كىلومېتىرغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
زۇرناجى ئاپتوموبىلنىڭ موتورى ۋە باتارىيەسىدىن باشقا بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەپچىقارماقچى بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ موتور ۋە باتارىيەلىرىنى ئۆز كۈچىگە  تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى سىناپ باقىدىغانلىقلىرىنى، ئاپتوموبىلدىكى بەزى يېتەرسىلىكلەرنى T2 ۋە T3 مودېللىرىدا تولۇقلاپ كېتىدىغانلىقلىرىنى  بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر