ئېلېكتىرۇنلۇق ئاپتوموبىل سىناقتىن ئۆتتى
تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئېلېكتىرۇنلۇق ئاپتوموبىلى سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئېلېكتىرۇنلۇق ئاپتوموبىلى سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتى.
ئاپتوموبىل، 2 سائەتتە تولۇق قاچىلىنىپ بولىدىغان توك بىلەن 400 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باسالايدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش پىلان لايىھەسى 3 ئاي داۋاملاشقان ئېلېكتىرۇنلۇق مىنىبۇس، بىلىم، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى فىكرى ئىشىق تەرىپىدىن سىناق قىلىندى.
ئاپتوموبىل، مىنىستىرنىڭ سىنىقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى.
فىكرى ئىشىق، ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ 2020 - يىللاردىن بۇرۇن ئىشلىتىلىشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فىكرى ئىشىق، ئاز مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن قىممەترەك بولغان ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسىنىڭ كېيىنچە چۈشىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىستانبۇل تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا لايىھەلەپ چىقىلغان مىنىبۇس، ئالدى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت قورۇسىدا ئايلانما سەپەرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.