تۈركىيە «ئەڭ سېخىي دۆلەت»

تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەردە «ئەڭ سېخىي دۆلەت» دەپ ئاتالدى

122958
 تۈركىيە «ئەڭ سېخىي دۆلەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەردە «ئەڭ سېخىي دۆلەت» دەپ ئاتالدى.
«2014 - يىللىق يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم» دوكلاتىغا كۆرە، تۈركىيە مىللىي كىرىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەت بولدى.
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مىقدارى جەھەتتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگىلىيەدىن قالسا ئۈچىنچى رەتكە تىزىلدى.
تۈركىيە، باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىگە قاراشلىق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلار، جەمئىيەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا بەش قىتئەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
دوكلاتتا، تۈركىيە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 0.21 گە توغرا كېلىدىغان 1.6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىئانە بىلەن «ئەڭ سېخىي دۆلەت» دەپ ئاتالدى.
تۈركىيەنىڭ 2012 - يىلى ئىشقا ئاشۇرغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مىقدارى 1 مىليارد 85 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2013 - يىلى 561 مىليون دوللارلىق ئېشىش بىلەن 1.6 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
دوكلاتقا كۆرە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 0.21 نى خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاجراتقان كۇۋەيت بىلەن % 0.15 نى ئاجراتقان لىيۇكسېمبۇرگ تۈركىيەدىن كېيىنكى رەتكە تىزىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر