خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تۈركىيەگە كەلدى

خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلدى

122959
خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلدى.
خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پېتېر مائۇرېر، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لۈتفى ئاقار بىلەن بىرلىكتە گازىئانتەپكە يېتىپ بېرىپ، سۈرىيەلىكلەر قىلىۋاتقان لاگېرلارنى زىيارەت قىلدى.
پېتېر مائۇرېر، لاگېرلاردا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەردىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
مائۇرېر، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇچرىشىشلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى سۈرىيە، ئىراق ۋە غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە بولۇپ، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ يېڭىلىقچى روھى ۋە كەسپىي جەھەتتىكى ماھارىتىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم.»
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئاقار مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، پائالىيەت دائىرىسىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە قانات يايدۇرىدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر