ئامېرىكا گاز ئېكسپورتى ئارقىلىق خىتاينىڭ كۈچىنى تەڭشەيدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەللىرىگە يۈزلىنىپ، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا خىتاينىڭ كۈچىنى تەڭشەشكە تىرىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

113737
ئامېرىكا گاز ئېكسپورتى ئارقىلىق خىتاينىڭ كۈچىنى تەڭشەيدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش توغرىسىدىكى چەكلىمىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بوشىتىلسا، دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە گېئوپولىتىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئورنىغا ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ۋىيېتنام، تايلاندقا ئوخشاش دۆلەتلەرگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى كۈچىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. 

خىتايدىكى شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دوتسېنت دوكتور ئاھمەت گۆنجۈ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. گۆنجۈ ئۆتكەن ماي ئېيىدا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىمزالانغان 400 مىليارد دوللارلىق گاز كېلىشىمىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭمۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە فىلىپپىن بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى تۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورگىنى ئامېرىكا تەتقىقاتلىرى مەركىزىنىڭ باشلىقى مەھمەت يەگىن، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاينى قىستاققا ئېلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە شۇنداقلا يېقىنقى مەزگىللەردە ۋىيېتنام بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. ئامېرىكا، بۇ دۆلەتلەردىن خىتاينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا پايدىلىنالايمەن، دەپ ئويلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن رايوندىكى دۆلەتلەر كېلەچەكتە خىتاينىڭ ئۆزىنى يۇتۇۋالغۇدەك شۇنداقلا ئۆزلىرىگە ماكان قالدۇرمايدىغان بىر كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. بۇ مەنىدە مەزكۇر دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.»

ئامېرىكىنىڭ سلانېتس گازى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەسىلىسىدە چەت دۆلەتلەرگە بېقىنىپ قېلىشىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتماقتا، ئامېرىكا ئىچكى بازاردىكى ئىستېمالدىكىدىن كۆپ مىقداردا سلانېتس گازى ئىشلەپچىقارماقتا.

رايوننىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى ھېسابلىنىدىغان خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە تايلاند 2013- يىلى جەمئىي 440 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىستېمال قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ جەمئىي %5 لىك گازىنى خىتاي ئۆز ئالدىغا ئىستېمال قىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر