خىتايدىن باشقا ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى ئۆرلىدى

ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرىدا خىتاي بازارلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆرلەش كۆرۈلدى.

102239
خىتايدىن باشقا ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ھەپتىنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرىدا سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى، خىتايدا شاڭخەي بىرلەشمە ئىندېكسى سەلبىي يۆنۈلۈشتە بولدى.
بىر مۇددەت ئۆرلىگەن ياپونىيەدە نىككېي ئىندېكسى بۈگۈن (25 – ئاۋغۇست) %0.5 ئۆرلەپ، 15613.25 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتى. دوللار بىلەن يېننىڭ ئالماشتۇرۇلىشىدا %0.3 ئېشىش كۆرۈلدى.
خىتايدا شاڭخەي بىرلەشمە ئىندېكسى %0.3 تۆۋەنلەپ، 2234.28 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتى. جەنۇبىي كورېيە كوسپى ئىندېكسى %0.1 ئۆرلەپ، 2058.57 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتى. ھىندىستاندا سېنسېكس ئىندېكسى %0.6 ئۆرلىدى. خوڭكوڭدا خاڭ سېڭ ئىندېكسى %0.3 ئۆرلەپ، 25182.84 نومۇر ئۆپچۆرىسىدە ئۆزگىرىپ تۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر