تۈركىيە ئىراققا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قولىنى سۇنماقتا

تۈركىيە، ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى خەۋپى ئاستىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە قارشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قولىنى سۇنماقتا.

99723
تۈركىيە ئىراققا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قولىنى سۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى خەۋپى ئاستىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە قارشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قولىنى سۇنماقتا.
كونيالىقلارمۇ تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە ھەسسە قوشتى.
سودا - سانائەتچىلەر باشچىلىقىدا 17 يۈك ماشىنىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يىغىلىپ، ئىستانبۇلدىن يولغا سېلىندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ياردەملەر گازىئانتەپتىكى ئىسكىلاتلاردا تۈرلەرگە ئايرىلغاندىن كېيىن ئەربىلدىكى ئىسكىلاتلارغا يەتكۈزۈلىدىكەن.
كونيا سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ باشچى، «نىشانىمىز ئالدى بىلەن ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە، ئاندىن رايوندىكى بارلىق مەزلۇم خەلقلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە تاپشۇردۇق» دېدى.
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىدىن سىرت يەنە، تۈركىيەدكى ئوخشىمىغان فوندى جەمئىيەتلەر، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىگە قاراشلىق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئائىت يۈك ماشىنىلىرىمۇ داۋاملىق ۋەزىپە ئىشلىمەكتە.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايونغا يەتكۈزۈلگەن 100 يۈك ماشىنىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ قىممىتى 100 مىليون لىراغا يېتىدىكەن.
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لۈتفى ئاقار، «ھەر مەزھەپتىن، ھەر دىندىن، ھەر تىلدىن ۋە ھەر ئىرقتىن ئىنسانلارغا ئىنسان بولۇشى تۈپەيلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىمىز، مەسىلەن ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولغان كۈرت قېرىنداشلىرىمىزغا، مەزھەپلىرى ۋە ئېتىقادى تۈپەيلى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىۋاتىمىز، ئەرەب قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر