يىلدىز پەلەستىن ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز، پەلەستىن ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر قىتتانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز، پەلەستىن ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر قىتتانى بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، غەززەنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
تانەر يىلدىز، قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك پىلانلارنىڭ تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى، قىسقا مەزگىللىك پىلانغا كۆرە، بىر لەيلىمە كېمىنىڭ غەززە ساھىلىغا يېتىپ بېرىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
يىلدىز، ئىسرائىلىيە پەلەستىنگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگونىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە توڭلىتىپ قويۇلۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
تۈركىيەنىڭ فىندىق ئېكسپورتى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 8 ئايلىق فىندىق (ئورمان ياڭىقى) ئېكىسپورتى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى.