ASELSAN داۋاملىق يۈكسەلمەكتە
تۈركىيە ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى – ASELSAN، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ 100 مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنى تىزىملىكىدە 74 – رەتتىن 67- رەتكە ئۆرلىدى.
تۈركىيە ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى – ASELSAN، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ 100 مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنى تىزىملىكىدە 74 – رەتتىن 67- رەتكە ئۆرلىدى.
تۈركىيە ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ناملىق ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئەڭ چوڭ 100 مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىنىڭ نامى كىرگۈزۈلگەن «ئالدىنقى قاتاردىكى 100» تىزىملىكىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۆتكەن يىلى 74- رەتتىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتىنىڭ بۇ يىل 67- رەتكە ئۆرلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، 2013- يىلى مۇداپىئە سەرمايىسىنىڭ %16.1 ئېشىپ 1 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى، سەرمايىنىڭ %97.1 نىڭ مۇداپىئە سانائىتى پائالىيەتلىرىدىن كىرىم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ASELSAN نىڭ يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 50 مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشنى نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر ئالدىنقى يىلنىڭ مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سەۋىيەسى ئۆلچەم قىلىنغان ھالدا بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنىدىغان ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق مۇداپىئە سانائىتى تىزىملىكى، دەپ قارىلىدىغان «مۇداپىئە خەۋەرلىرى ئالدىنقى قاتاردىكى 100 شىركەت» كېلەچىكى پارلاق مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى، دەپمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.