ساياھەتچىلەرنىڭ يېڭى قارارگاھى سىنوپ بولدى
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋىلايىتى قىلىپ بېكىتىلگەن سىنوپتا ساياھەت ئىشلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساياھەتچىلەرنىڭ يېڭى قارارگاھى سىنوپ بولدى.
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋىلايىتى قىلىپ بېكىتىلگەن سىنوپتا ساياھەت ئىشلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا.
ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋىلايەت مەركىزىدە پات - پات قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالماقتا.
مېھمانسارايلار تولۇپ تاشقان بولۇپ، بۇ بولۇپمۇ تىجارەتچىلەر بىلەن ھۈنەرۋەن كاسىپلارنى خۇرسەن قىلماقتا.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۈندۈزى تارىخىي ۋە ساياھەت رايونلىرىنى سەيلە قىلىدىغان ساياھەتچىلەر، كېچىسى سىنوپ ساھىللىرىنى ئايلىنىدىكەن.
قارادېڭىز ساھىللىرىنىڭ يېڭى قارارگاھى دەپ ئاتالغان سىنوپ، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ 2013 - يىللىق دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ ئەڭ بەختلىك كىشىلىرى ياشايدىغان ۋىلايەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.