غەززەگە 640 مىڭ دوللارلىق ياردەم...

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، تۈركىيەنىڭ قولىدىن كېلىشىچە پەلەستىنگە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تەلەپكە ئاساسەن پەلەستىن دۆلىتىگە 640 مىڭ دوللارلىق نەق پۇل ياردەم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى

70697
غەززەگە 640 مىڭ دوللارلىق ياردەم...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەگە 640 مىڭ دوللارلىق ياردەم...
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، تۈركىيەنىڭ قولىدىن كېلىشىچە پەلەستىنگە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تەلەپكە ئاساسەن پەلەستىن دۆلىتىگە 640 مىڭ دوللارلىق نەق پۇل ياردەم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مىنىستىرلىك تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ يۈزلەرچە مەسۇم خەلق ھاياتىدىن ئايرىلغان، مىڭلارچە كىشى يارىلانغان غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىلىشى ۋە رايوندا ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، ھۇجۇملاردا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان پەلەستىن خەلقىنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىشى يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پائال خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن غەززەدىكى بىردىن-بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ جىددىي يېقىلغۇ ئېھتىياجىنىڭ قامدىلىشىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە 640 مىڭ دوللارلىق نەق پۇل ياردىمىنىڭ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن پەلەستىن دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ياردەم، غەززەنىڭ يېقىلغۇ ئېھتىياجىنىڭ قامدىلىشى، دوختۇرخانا، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم مۇئەسسەسەلىرىنىڭ توختاپ قالماسلىقىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر