تۈركىيەنىڭ ئاپرېل ئېيى ئېكسپورت ئىندېكسى ئاشتى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى ئاپرېل ئېيىدىكى تاشقى سودا ئىندېكسلىرىنى ئېلان قىلدى

91092
تۈركىيەنىڭ ئاپرېل ئېيى ئېكسپورت ئىندېكسى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى ئاپرېل ئېيىدىكى تاشقى سودا ئىندېكسلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئېكسپورتنىڭ بىرلىك باھا ئىندېكسى ئالدىنقى ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 0.4، ئىمپورتنىڭ بىرلىك باھا ئىندېكسى بولسا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 1.4 ئازايدى.
ئىندېكس، يېمەك - ئىچمەك ۋە تاماكىدا % 3.3، خام ئەشيالاردا % 3.2، يېقىلغۇلاردا % 2.7 ئازايدى، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدىكى ئېشىش % 0.8 بولدى.
ئاپرېل ئېيى ئېكسپورت مىقدارى ئىندېكسى بولسا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 8.2 ئاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر