رۇسىيە ئالدىن تۆلەش سىستېمىسىنى كېچىكتۈردى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم، ئۇكرائىناغا تەبئىي گاز سېتىشتا يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئالدىن تۆلەش سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىنى 16- ئىيۇنغا كېچىكتۈردى.

90790

رۇسىيە دائىرىلىرى، 2 مىليارد 240 مىليون دوللار ئەتراپىدا قەرزى بار بولغان ئۇكرائىنا قەرزلىرىنى تۆلىمىگەن تەقدىردە 10- ئىيۇندىن باشلاپ ئالدىن تۆلەش سىستېمىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
ئۇكرائىنالىق ئالاقىدار ئەمەلدارلار بولسا، تەبىئىي گاز قەرزىگە ئالاقىدار مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن يېڭى بىر باھا ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. رۇسىيە كىرىزىستىن ئىلگىرى مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئۈچۈن ئۇكرائىنادىن 268 يېرىم دوللار تەلەپ قىلغان بولسا، كىرىزىستىن كېيىن بۇ باھانى 485 دوللارغا چىقارغانىدى.
رۇسىيە مېدىياسىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن گازپروم ئىدارە ھەيئىتى باشلىقى ئالېكسېي مىللېر، رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئالدىن تۆلەش سىستېمىسىنىڭ باشلىنىش ۋاقىتىنىڭ 16- ئىيۇنغا كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر