ئېنېرگىيە يىغىنى بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن پىلانلانغان، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گازنىڭ باھاسى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى نىشان قىلىنغان مۇزاكىرىلەرنىڭ يېڭى باسقۇچى بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى

81268
ئېنېرگىيە يىغىنى بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن پىلانلانغان، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گازنىڭ باھاسى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى نىشان قىلىنغان مۇزاكىرىلەرنىڭ يېڭى باسقۇچى بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى.
يىغىندىن كېيىن «تەرەپلەر ئارا مۇزاكىرىلەر داۋاملاشقان تەقدىردە، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ توختاپ قالماسلىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى» جاكارلاندى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى گۈنتھېر ئۆتتىنگېر، مۇزاكىرىلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. يىغىندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلغان ياۋروپا كومىتېتى، مۇزاكىرىلەر داۋاملاشقان تەقدىردە، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ۋە ئىيۇن ئېيىدا بېرىلگەن تەبىئىي گاز ئۈچۈن ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، گازپىروم ۋە نافتوگاز شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق دىئالوگدىن كېيىن تەرەپلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. بىريۇسسېلدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە كۆرە، شىركەتلەر ئارا مۇزاكىرىلەردىن ئورتاق بىر تەكلىپ چىققان تۈركىيەدە، تەرەپلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرىغا دوكلات سۇنۇشى، ئارقىدىن ئۈچ تەرەپ يىغىنىنىڭ تەكرارلىنىشى نىشان قىلىنماقتا. موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىستىن كېيىن رۇسىيە ئۇكرائىنادىن مەۋجۇت تەبىئىي گاز قەرزلىرىنى تۆلىشىنى، ئۇكرائىنا بولسا تەبىئىي گاز قەرزلىرى مەسىلىسى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، يېڭى باھا ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇكرائىنا، يېقىندا تەبىئىي گاز قەرزلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە رۇسىيەگە 786 مىليون دوللار تۆلىگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر