تۈركىيەنى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا يەنە بىر مۇ

ئەزەربەيجاندىكى شاھ دېڭىز تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بىلەن تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىگە تۈركىيەنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى نىشان قىلىنغان كېلىشىم، تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتناشقان مۇراسىمدا ئىمزالاندى

78371
تۈركىيەنى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا يەنە بىر مۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا يەنە بىر مۇھىم قەدەم تاشلاندى.
ئەزەربەيجاندىكى شاھ دېڭىز تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بىلەن تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىگە تۈركىيەنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى نىشان قىلىنغان كېلىشىم، تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتناشقان مۇراسىمدا ئىمزالاندى.
تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر لايىھە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئارقىلىق ناھايىتى مۇھىم كىرىم مەنبەسىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان، «شاھ دېڭىزىدىكى ئۈلۈشىمىزنىڭ % 9 تىن % 19 كە يەتكۈزۈلۈشى بىلەن، تۈركىيە نېفىت شىركىتى 2 - چوڭ شېرىككە ئايلاندى. ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. دۆلىتىمىزنىڭ 21 ئۆلكىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ لايىھەنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئىقتىسادىي كىرىممۇ دۆلىتىمىزنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ» دېدى. ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىققا، ھازار دېڭىزى ساھەسىگە جايلاشقان شاھدېڭىز تەبىئىي گاز ۋادىسى، 1.4 كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز زاپىسى بىلەن دۇنيا بويىچە ساناقلىق تەبىئىي گاز مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. «شاھدېڭىز 1» دەپ ئاتالغان لايىھە ئارقىلىق نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان تەبىئىي گاز ئەزەربەيجاننىڭ ئىچكى ئىستېمال ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىشىدىن سىرت يەنە، گىرۇزىيە ۋە تۈركىيەگىمۇ ئېكسپورت قىلىنماقتا. «شاھدېڭىز 2» دەپ ئاتالغان سېلىنما لايىھەلىرىنىڭ تاماملىنىشى بىلەنمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىنىدۇ. لايىھە دائىرىسىدە، تۈركىيە - گىرۇزىيە چېگرىسىدىن تۈركىيە - گىرېتسىيە چېگرىسىگىچە سوزۇلىدىغان تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، دەسلەپتە 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گازنى ياۋروپاغا، 6 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گازنى بولسا تۈركىيەگە بولۇپ، يىلىغا 16 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ. شاھدېڭىزدىن چىقىرىلىدىغان تەبىئىي گازنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان جەنۇبىي گاز كارىدورى بولسا، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيەدە رۇسىيەگە بېقىندى بولۇپ قېلىشىنى ئازايتىدىغان ئەڭ مۇھىم لايىھەلەردىن بىرى دەپ قارالماقتا. بەش يىل ئىچىدە تاماملىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان لايىھەگە، ئىسرائىلىيە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى، تۈركمەنىستان ۋە شىمالىي ئىراقنىڭمۇ گاز بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر سۈپىتىدە داخىل بولۇشى پىلانلانماقتا. ئىگىلىنىشىچە، لايىھەدە، ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى سوكار % 80 لىك، تۇرۇبا لىنىيەلىرى ۋە نېفىت تىرانسىپورت پاي شىركىتى بىلەن تۈركىيە نېفىت شىركىتى % 20 لىك ئۈلۈشكە ئىگە ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر