ياۋروپا سېلىنما بانكىسى مارماراي لايىھەسى ئۈچۈن 200 مىليون ياۋرو

ياۋروپا سېلىنما بانكىسى، ياۋروپا ۋە ئاسىيا لىنىيەسىنىڭ بوغازئىچىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۇنجى تۆمۈر يولى لىنىيەسى بولغان مارماراي لايىھەسى ئۈچۈن يەنە 200 مىليون ياۋرو كىرېدىت چىقىم قىلىدۇ

64474
ياۋروپا سېلىنما بانكىسى مارماراي لايىھەسى ئۈچۈن 200 مىليون ياۋرو

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا سېلىنما بانكىسى، ياۋروپا ۋە ئاسىيا لىنىيەسىنىڭ بوغازئىچىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۇنجى تۆمۈر يولى لىنىيەسى بولغان مارماراي لايىھەسى ئۈچۈن يەنە 200 مىليون ياۋرو كىرېدىت چىقىم قىلىدۇ.
بۇ ھەقتىكى كېلىشىم تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق ئىمزالاندى.
كېلىشىمنى تۈركىيەگە ۋەكالىتەن خەزىنە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم چاناقچى ئىمزالىدى.
ياۋروپا سېلىنما بانكىسىنىڭ تۈركىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى پىم ۋان بالېكوم، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان بۇ لايىھەنى قوللاش مەقسىتىدە ھاسىل قىلىنغان بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشتىن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا سېلىنما بانكىسىنىڭ مارماراي لايىھەسىگە ئاجراتقان كىرېدىتى 1.25 مىليارد ياۋروغا يەتكەن بولدى.
لايىھە، پان ياۋروپا قاتناش كارىدورى (IV) 4 كە جايلاشقان ۋە نۆۋەتتە ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بىر - بىرىدىن ئايرىلىدىغان ئىككى تۆمۈر يولى لىنىيەسىنى بىر تونېلغا تۇتاشتۇرىدۇ.
لايىھە يەنە، ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى لىنىيەسى بىلەنمۇ بىرلىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر