ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا پىززانىڭ كەيپىنى سۈردى

خەلقئارا ئالەم قاتنىشى پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۆزلىرى پىشۇرغان پىززادىن ھۇزۇرلاندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) خەلقئارا ئالەم قاتنىشى پونكىتىدىكى يەتتە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۈچۈن ئالما، پەمىدۇر ۋە كىۋى قاتارلىق مىۋىلەر بىلەن بىرگە بىر قۇتا پىشۇرۇشقا تەييار پىززا يوللىدى.