تۈركىيە «ئاتماجا»نى ئۇتۇقلۇق سىناق قىلدى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى دېڭىزدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى - ئاتماجا، ت ج گ قىنالىئادا پاراخوتىدىن ئۇتۇقلۇق ھالدا قويۇپ بېرىلدى. بومبا ئۇدا بىر قانچە قېتىم سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن 2020 - يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تۈركىيە ئارمىيەسى قوراللىرى قاتارىغا سەپلىنىدۇ.