ساراينىڭ لەززەتلىرى (11) – باللى (ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلغان) مەھمۇدىيە
ئوسمانلى سارىيىنىڭ بىر – بىرىدىن ئېسىل تائاملىرىنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان «ساراينىڭ لەززەتلىرى (ساراينىڭ مەززىلىك تائاملىرى)» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرنى ئانادولۇ قەھرىمانى باتتال غازىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى مالاتياغا ئېلىپ بارىمىز ۋە بۇ ھەپتىلىك تامىقىمىز ئوسمانلى سۇلتانى ئىككىنچى مەھمۇدنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىان تامىقى «باللى مەھمۇدىيە»نى 382 يىللىق سىلاھتار (قورال ياسىغۇچى) مۇستاپا پاشا كارۋانسارىيىدا تەييارلايمىز.
بۇ تاماقنى تەييارلاش ئۈچۈن كېتىدىغان نەرسىلەر:
1 كىلوگىرام سۆڭەكسىز توخۇ كۆكرىكى ۋە پۇت گۆشى
100 گىرام گۈلە
150 گىرام سېرىق ماي
ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى بىر دانە لىمون
50 گىرام ئاقلانغان بادام
50 گىرام قۇش ئۈزۈمى
تۇز ۋە تارچىن
بىر قوشۇق ھەسەل
بۇ تاماقنىڭ قانداق پىشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇستا ئاشپەز – كۈلتۈر تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككورنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق ئۆگىنىمىز. ئۆگىنىشىمىزنى بىرلىكتە مالاتيانى سەيلە قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشلايمىز... قېنى مەرھەمەت!