سىئىرت ۋىلايىتىدە كان گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ شىرۋان ناھىيەسىدىكى بىر مىس كېنىدا گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.