قىرىم تاتارلىرى ئۇكرائىنانى قوللاپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ ھېرسون رايونىدا قىرىم بىلەن چېگرىلىنىدىغان چۇڭگار يېزىسىنىڭ ئاھالىلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزدى.
قىرىم تاتارلىرى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ 2014-يىلى ئىشغال قىلغان زېمىنلىرىدىن ۋە يېرىم ئارالدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار ئۇكرائىنا ۋە قىرىم تاتار بايرارلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلدى.