ھەممە نەرسە ۋەتەن ئۈچۈن

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجاننى قوللاش ئۈچۈن بىرلەشمە مانېۋىر كۆرۈنۈشلىرىنى مەزمۇن قىلغان ۋىدېئو تارقاتتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا تارقالغان ۋىدېئودا، بىرلەشمە مانېۋىر كۆرۈنۈشلىرىدىن باشقا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان قورال ئىسكىلاتلىرىنى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان كۆرۈنۈشلىرىمۇ بار.