ئەمىنە ئەردوغان باڭلادىشتا ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى يوقلىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان باڭلادىشتىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى پاناھلىنىۋاتقان لاگېرنە زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭغا، ئوغلى بىلال ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايانكايا، پارلامېنت ئەزاسى راۋزا كاۋاكچىكان، تىكا (TİKA) باشلىقى سەردار چام، قىزىلئاي جەمئىيىتى مۇدىرى ئىبراھىم ئالتان ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەمراھ بولدى.