مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يەكتىكى كۆرگەزمە قىلىندۇ

ھەر رامىزان ئېيىدا ئىستانبۇلدا ھىركائى شەرىف (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەكتىكى) جامەسىدە كۆرسىتىلىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يەكتىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۈز مىڭلارچە ئادەم ئۇزۇن ئۆچىرەت بولىدۇ.  ھەر يىلى 1مىليوندىن ئارتۇق ئادەم 17-ئەسىردە ئىستانبۇلغا ئېلىپ كىلىنگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يەكتىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن ئىستانبۇلغا كېلىدۇ.