كۇبا خەلقى كاسترونى خاتىرىلىدى

كۇبا خەلقى كاسترونى بىر قانچە سائەت سوزۇلغان مۇراسىمدا ھەرخىل شوئار توۋلاپ خاتىرىلىدى. بىر چاغلاردا كاسترو ھاياجانلىق نۇتۇقلىرىنى سۆزلىگەن مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، بولىۋىيە پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېس قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. ھاۋا سوغۇق ئىدى.