ئۈستى گۈللەر بىلەن قاپلانغان ماكرون مەسخىرە تېمىسىغا ئايلاندى

 

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون پولىنېسىيە زىيارىتى جەريانىدا ئۇنى قارشى ئېلىپ، گۈل ۋە قۇلۇلە قاپلىرى بىلەن ياسالغان گۈل چەمبىرەك بوينىغا ئېسىلدى.

ماكرونغا تىۋىتتېردا «ماڭىدىغان گۈل چەمبىرەك» دەپ نام قويۇلۇپ، مەسخىرە تېمىسىغا ئايلاندۇرۇلدى.  

 ماكرون مانىخى ئارىلىغا دېڭىز تاشقىنى پاناھلىنىش ئورنى قۇرۇلۇشىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان ئىدى.