قۇددۇستىكى كونا شەھەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن خارابە شەھەرگە ئايلىنىپ قالدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن، پەلەستىنلىكلەر قاتتىق قورقۇش كەيپىياتى ئىچىدە ياشىماقتا.

 كونا شەھەردە ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەر خىزمەتكە بېرىش، سودا – سېتىق قىلىش ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش ئۈچۈن، ئۆيدىن سىرتقا چىقىشتىن قاتتىق قورقىدۇ.