پارىژدا ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا زىيارىتى دائىرىسىدە، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا پىرېزىدېنت ماكرون بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىسىرائىلىيە پەسىلى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان بىنيامىن نېتانياھۇ نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى.

پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىش، غەززەدىكى قەتلىئاملارنى ئەيىبلەش ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلاردا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارى بولغان نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، پارىژدىكى شانزېلىزې كوچىسى بىلەن ئىنۋالىدېس مەيدانىدا ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نامايىش تەشكىللىدى.