خاقان فىدان پاكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پاكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

2141490
خاقان فىدان پاكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بارغان ئىسلامئابادتا پاكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، 7-نۆۋەتلىك پاكىستان-تۈركىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر