ئەردوغان رامىزاننى تەبرىكلەپ، ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەردە بۈگۈن (11-مارت) باشلانغان رامىزان ئېيىنىڭ ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك ئىشلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلىدى.
2113416
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا رامىزاننى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.
ئۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:
«باشلىنىشى رەھمەت، ئوتتۇرى مەخپىرەت، ئاخىرى دوزاخ ئوتىدىن قۇتۇلۇش بولغان رامىزان ئېيىنىڭ، ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن خەيرىلىك ئىشلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمەن. رامىزان ئېيىمىز مۇبارەك بولسۇن.»