تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەگە يوللىغان 7-ياخشىلىق پاراخوتى مىسىرغا يېتىپ باردى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى يولغا سالغان ۋە 2737 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يۈكلەنگەن 7-ياخشىلىق پاراخوتى مىسىرغا يېتىپ باردى.

2113462
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەگە يوللىغان 7-ياخشىلىق پاراخوتى مىسىرغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەدە ئۇرۇش ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خەلققە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بۈگۈنگە قەدەر يوللىغان ياردەم پاراخوتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان 7-ياخشىلىق پاراخوتىنىڭ مىسىرنىڭ ئەل-ئارىش پورتىغا يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياخشىلىق پاراخوتىدىكى بۇيۇملارنى غەززەگە توشۇش ئۈچۈن يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلاش خىزمىتى تېز سۈرئەتتە باشلاندى.

مىسىردىكى تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيتى كەسپىي خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياردەم بۇيۇملىرى يۈكلەنگەن ئاپتوموبىللار، رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق غەززەگە كىرىدۇ.

پاراخوتتا تەييار تاماق، سۇ، يىشىكلىك يېمەكلىك، ئۇن، كىيىم-كېچەك، تازىلىق بۇيۇملىرى، چېدىر ۋە ئۇخلاش ئەدىيالى قاتارلىق تۇرمۇشقا كېتەرلىك ئېھتىياجلاردىن باشقا يەنە، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە بوۋاقلار بۇيۇملىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ رايونغا تېزرەك يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى، مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى ۋە پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلماقتا.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك قاچىلانغان يېشىكلەرنى تارقىتىشتىن باشقا، غەززەنىڭ رەفاھ رايونىدىمۇ ئاشخانا ئېچىش ئارقىلىق ھەر كۈنى 5 مىڭ كىشىنى ئىسسىق تاماق بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر