ئەردوغان: خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئىنسانىيەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك» دېدى.
2113066
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىستانبۇل سىنان ئەردەم تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك تۈگۋا ياشلار يىغىلىشىدا سۆز قىلىپ: «ئىسرائىلىيەنى جاسارەتلەندۈرۈپ، ئىلھام بېرىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئاياللار ۋە بالىلار قاتىللىرىنىڭ ھىمايىچىلىرى سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى. نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى قاتىلدۇر» دېدى.