فىدان ۋاشىنگتوندا جېيك سۇللىۋان بىلەن سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋانغا غەززەدە تېزدىن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2112784
فىدان ۋاشىنگتوندا جېيك سۇللىۋان بىلەن سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان مىنىستىر خاقان فىدان پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، غەززەدە تېزدىن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى ۋە رايونغا يوللىنىدىغان ياردەملەنىڭ مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەت جەريانىدا، ئىككىنچى يىلىنى ئارقىدا قالدۇرغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ۋە بۇ مەسىلىنى «ئۇكرائىنانىڭ زېمىن ۋە سىياسىي پۈتۈنلۈكى»نى تۇتقا قىلغان ھالدا ھەل قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش ئىرادىسى تەكىتلەنگەن سۆھبەتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك گۇماشتىلىرى بىلەن بولغان مۇناسۋىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىراقنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقى، ئۇ يەرنى «ئۇۋا تۇتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى»غا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

يەنە ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىۋاتقانلىقى، ئۇ يەردە قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئىلگىرىلەشلەرنىڭ كاۋكازنىڭ گۈللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يەنە ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى بېنيامىن كاردىن ۋە كومىتېتنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر