ئەردوغان: بۇ ياز ئىراق چېگرامىزغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىراق بىلەن بولغان چېگرامىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان چەمبىرەكنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

2111016
ئەردوغان: بۇ ياز ئىراق چېگرامىزغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى؛ جەنۇبىي چېگراسىغا بىر تېررورىستان قۇرۇپ، تۈركىيەنى تىز پۈكتۈرۈشنى پىلانلىغانلارغا يېڭى قاباھەتلىك چۈشلەرنى كۆرسىتىدىغان تەييارلىقلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: « ئىراق بىلەن بولغان چېگرامىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان چەمبىرەكنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ ياز ئىراق چېگراسىغا مۇناسىۋەتلىك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلغان بولىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىچە چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلەر بۇ پاكىتنى قوبۇل قىلغۇچە بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر