لاھەيدىكى خەلقئارا سوتتا ئىسرائىلىيەگە قارشى دوكلات بېرىش نۆۋىتى تۈركىيەگە كەلدى

ئىسرائىلىيە سوتلىنىۋاتقان گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سۆز قىلىش نۆۋىتى تۈركىيەگە كەلدى.

2107315
لاھەيدىكى خەلقئارا سوتتا ئىسرائىلىيەگە قارشى دوكلات بېرىش نۆۋىتى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش ئەلچى ئەھمەت يىلدىز ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغالىيىتى ۋە قانۇنسىز قوشۇۋېلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە بۈگۈن (26-فېۋرال) خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا ئاغزاكى دوكلات بېرىدۇ.

تەخمىنەن 30 مىنۇت داۋاملىشىدىغان دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى قوللايدىغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا قايتا تەكىتلىنىدۇ.

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىن بۇيان پەلەستىن زېمىنىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قانۇنسىز قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى ھۆججەت ۋە مەلۇماتلارنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا بىر ھەپتىدىن بۇيان 47 دۆلەت ئاغزاكى دوكلات بەردى.

ئىسپات ئاڭلاش سوتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش دۆلەت ۋە ئۈچ خەلقئارالىق تەشكىلات ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قارارى قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، ئەمما ئىسرائىلىيەگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

غەززە رايونىغا 7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە تەخمىنەن 30 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر