ئەردوغان: 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشتا ھالقىلىق بىر ئۆتكەلنى ئارقىدا قالدۇردۇق
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشتا ئىنتايىن ھالقىلىق بىر ئۆتكەلنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ ئافيونقاراھىساردا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشىدا سۆز قىلدى.
بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ يەنە بىر ئىپتىخارلىق كۈنىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكلىرىگە ئىشارەت قىلىپ: «مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلانىمىز — كائان (قاغان) بۈگۈن تۇنجى ئۇچۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى؛ بىز ياسىدۇق ۋە ياساشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
كائاننىڭ بەئەينى F-16 گە ئوخشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشتا ئىنتايىن ھالقىلىق بىر ئۆتكەلنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى، ئاقىنجى ۋە قىزىلئەلمانى ياساپ چىققانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە خەلقىمىزگە يېڭى خۇش خەۋەرلەرنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.