ئەردوغان: قىرغىنچىلىق ۋە كىرىزىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «غەززەنى ئۆز ئىچىگە يېقىن جۇغراپىيەمىزدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىسلەر، قىرغىنچلىقلار ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

2103690
ئەردوغان: قىرغىنچىلىق ۋە كىرىزىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان 6-نۆۋەتلىك ئېتنوسپور مۇنبىرىگە سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر ئەۋەتتى.

«رەسمىي ئەزالار بىلەن بىرلىكتە 50 دۆلەتتتىن كەلگەن ھەر دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئىشتىراك قىلغان «ئېتنوسپور مۇنبىرى»نىڭ رايونىمىز ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشۇشىنى تىلەيمەن» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپ خىللىقى جەھەتتە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مۇنبىرىمىز، بېرىدىغان سىگناللىرى ئارقىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ھەممىگە ھېس قىلدۇرىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە: «ئىشىنىمەنكى، ئانتاليا بىلەن دېڭىزداش، ئاق دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىدىغان ھەمكارلىق روھى بۇ مۇنبەردە نامايان بولىدۇ.  بىزمۇ غەززەنى ئۆز ئىچىگە يېقىن جۇغراپىيەمىزدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىسلەر، قىرغىنچلىقلار ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

بىز كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىنچلىق، ئادالەت ۋە خاتىرجەملىكنى ھۆكۈمران قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. تېخىمۇ ئادىل ۋە باياشات دۇنيا بەرپا قىلىش يولىدىكى بۇ مۇبارەك كۈرەشتە سىلەردەك دوستلىرىمزىنىڭ بىزنى قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر