ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-13-فېۋرال كۈنلىرى ئەرەببىرلەشمە خەلىپىلىكىنى، 14-فېۋرال مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ.

2100761
ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇررەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىدا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە سۆز قىلىدىغانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىدىغنلىقىنى؛ قاھىرە زىيارىتىدە بولسا، تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشلاردا، غەززە ۋە ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىسىرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە دۇنيا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.     


خەتكۈچ: #دۇبەي , #قاھىرە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر