سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى زەيتۇن شېخى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2098897
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «قەھرىمان ئارمىيەمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىنىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.